بايدىن ماكرون ۋە چارلىس III بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاينى زىيارەت قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ پىرېزىدېنت ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «رەھبەرلەر پىرېزىدېنت ماكروننىڭ يېقىنلىشىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى زىيارىتىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە رۇسىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇكرائىنانى قەتئىي قوللايدىغانلىقلىرىنى قايتا تەكىتلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئاقساراي يەنە، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلىز III بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەتنى تەكىتلىگەنلىكى ۋە پادىشاھ چارلېزنى يېقىنلىشىۋاتقان تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
رەپىقىسى جىل بايدىننىڭ ئامېرىكاغا ۋاكالىتەن مۇراسىمغا قاتنىشىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان بايدىننىڭ، كېيىنچە پادىشاھ بىلەن ئەنگىلىيەدە كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.