سېرگېي لاۋروۋ بىلەن بلىنكېن تېلېفوندا كۆرۈشتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن رۇسىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ئۈستىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۈستىدە كۆرۈشتى.

1968863
سېرگېي لاۋروۋ بىلەن بلىنكېن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن رۇسىيەدە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكالىق ژۇرنالىست توغرىسىدا كۆرۈشتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن، لاۋروۋ-بلىنكېن ئوتتۇرىسىدا تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بلىنكېننىڭ ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ئېۋان گېرسكوۋىچنىڭ جاسۇسلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن رۇسىيەدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى كۈنتەرتىپكە قويغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «بلىنكېنغا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ۋە خەلقئارالىق قانۇن بويىچە چىقارغان قارارلارغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلىگەندى. ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ بېسىم ۋە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ دېلوغا سىياسىي ئاتموسفېرا قېتىشنى نىيەت قىلىپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ چىقىرىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى» دېيىلدى.

لاۋروۋنىڭ ئامېرىكالىق ژۇرنالىست گېرسكوۋىچنىڭ ژۇرنالىستلىق نىقابى بىلەن دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدىغان مەلۇماتلارنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندا تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ژۇرنالىستنىڭ تەقدىرىنىڭ سوتتا بەلگىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تېلېفون سۆھبىتىدە بەزى يېڭى مەسىلىلەرنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى (FSB) 30-مارتتا ئامېرىكادا چىقىدىغان «ۋول سترېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا پۇقراسى ئېۋان گېرسكوۋىچنىڭ يېكاتېرنبۇرگ شەھىرىدە جاسۇسلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

موسكۋا لېفورتوسكىي سوت مەھكىمىسى رۇسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق ھالدا گېرسكوۋىچنىڭ 29-مايغىچە تۇتۇپ تۇرۇلىشىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر