فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ يېنىدىكى ئىككى رايوندا تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى بىكار قىلىندى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى فۇكۇشىما دەي-ئىچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ يېنىدىكى ئىككى «بۇرۇلۇش تەس رايون» نى تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى.

1968294
فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ يېنىدىكى ئىككى رايوندا تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى بىكار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ياپونىيە 2011 - يىلىدىكى يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدىن كېيىن، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى يادرو ئېقىپ كېتىش سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ئەتراپتىكى رايونلاردا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا.

ئېلېكتر ئىستانسىسىغا يېقىن دېڭىز بويىدىكى تومىئوكا شەھىرىدە 12 يىلدىن بۇيان «بۇرۇلۇش تەس» دەپ باھا بېرىلگەن يونومورى ۋە ئوسۇگې رايونلىرى «ئالاھىدە قايتا قۇرۇش رايونى» دەپ ئېلان قىلىندى.

شۇنداق قىلىپ، ئاپەتتىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلغان كىشىلەر بۇيرۇق بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى 2 ئاي ئىچىدە كونا رايونلاردىكى قايتا ياسالغان نۇقتىلارغا قايتىپ كېلەلەيدىغان بولدى.

2011-يىلى مارتتا، 9 بال يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دېڭىز تاشقىنى سەۋەبىدىن، شەرقىي شىمال رايونى مقياسىدا 15 مىڭ 900 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

فۇكۇشىما دەي-ئىچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى رېئاكتورلاردا يادرو ئېرىپ كېتىش سەۋەبىدىن  ئىستانسىسىنىڭ يېنىدىكى ئولتۇراق رايونلار تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىدى.

2022-يىلى نويابىردا، ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بارلىق رايونلاردا تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر