ئافغانىستاندا بىر مەكتەپ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى جۇزجان ۋىلايىتىنىڭ قۇشتەپە ناھىيەسىدە بىر مەكتەپكە قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى ئوقۇغۇچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1968008
ئافغانىستاندا بىر مەكتەپ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇزجان ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇلسەتتار ھالىمىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر كىشى قۇشتەپە ناھىيەسىدىكى بىر مەكتەپكە قول بومبىسى ئاتقان.

ھۇجۇم نەتىجىسىدە، ئىككى ئوقۇغۇچى جېنىدىن ئايرىلغان، تۆت ئوقۇغۇچى يارىلانغان.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان جۇزجان ناھىيەسىدىكى قىزلار باشلانغۇچ مەكتىپىگە ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر