زېلېنىسكىي شى جىنپىڭنى كىيېۋغا تەكلىپ قىلدى

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىرزېلېنسكىي خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ: «بىز شى جىنپىڭنى بۇ يەردە كۆرۈشكە تەييارمىز» دېدى.

1967257
زېلېنىسكىي شى جىنپىڭنى كىيېۋغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP)نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ئۇكرائىناغا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2022- يىلى 2 - ئاينىڭ 24- كۈنى رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت زېلېنسكىي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى 12 ماددىلىق ھۆججەتنى تىلغا ئېلىپ: «بىز شى جىنپىڭنى بۇ يەردە كۆرۈشكە تەييارمىز. مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى خالايمەن. ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەنىدىم. ئەمما ئۇرۇش باشلانغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلمىدۇق» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مىخايىل پودولياك ئۇكرائىنا ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئاخىرقى نەتىجىنىڭ تېخى مۇئەييەنلەشمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

شى جىنپىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20 – مارتتىن 22 – مارتقىچە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان ۋە پۇتىننى خىتايدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر