ئاركانساستا تىكتوك ۋە مېتا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇلدى

ئامېرىكانىڭ ئاركانساس ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت خىتاينىڭ ۋىدېئو ھەمبەھىرلەش سۇپىسى تىكتوك ۋە فەيسبۇكنىڭ خوجايىنى مېتا ئۈستىدىن ئابونتلىرىنى «ئالدىغانلىقى» نى سەۋەب قىلىپ سوتقا ئەرز قىلدى.

1966838
ئاركانساستا تىكتوك ۋە مېتا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاركانساس تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاركانساس ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى سارا خاكابې ساندېرس (Sarah Huckabee Sanders ) ۋە باش تەپتىش تىم گرىفىن (Tim Griffin) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەزكۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئۈستىدىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ ئەرز سۇنۇلغان.

ۋالىي ساندېرس: «چوڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنى پەرزەنتلىرىمىزدە خۇمار پەيدا قىلىدىغان مۇنبەرلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاشتىن ۋە ئۇلارنى مۇۋاپىق بولمىغان مەزمۇن دۇنياسىغا دۇچار قىلىشتىن جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك. بۇ شىركەتلەر بالىلاردىن پايدا ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ، ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايدۇ» دېدى.

باش تەپتىش گرىفىن بۇ ئەرز-شىكايەتلەرنىڭ تاراتقۇلاردىكى مەزمۇنلار بىلەن ئەمەس، بەلكى شىركەتلەرنىڭ ئابونتلارنى «ئالدىغانلىقى» غا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مېتانىڭ قەستەنلىك بىلەن ئۆسمۈرلەر خۇمار بولۇپ قالىدىغان ئالگورىزملاردىن پايدىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مېتا پايدا ئېلىشنى ۋە چوڭىيىشنى كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاممىغا بۇ خىل ئالگورىزمنى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، قەستەن يوشۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، تىكتوك ۋە مېتانىڭ ئاركانساس ئىشتاتىنىڭ سودا قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىر ئەرزنىڭ، تىكتوكنىڭ قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنى جىنسىي مۇناسىۋەت،  زەھەرلىك چېكىملىك ​​ياكى ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى تەسۋىرلەيدىغان نامۇۋاپىق مەزمۇنلاردىن قوغداش ئۈچۈن ئەرز قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مېتا ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزدە، بۇ شىركەتنىڭ فەيسبۇك ئارقىلىق بالىلارنىڭ سۇپىدا ئۆتكۈزگەن ۋاقتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر