كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ يادرو قوراللىرى ئامبىرىنى زورايتىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ يادرو قورال ئامبىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن «قورال تىپى يادرو تەمىناتى»نى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

1966141
كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ يادرو قوراللىرى ئامبىرىنى زورايتىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن دۆلىتىنىڭ يادرو قوراللىرى كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىپ، قوراللارنىڭ ھەر ۋاقىت ئىشلىتىشكە تەييار بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ شىمالىي كورېيە يادرو قورال سىستېمىسىنى «مۇكەممەللەشتۈرگەن» تەقدىردە، «دۈشمەن»نىڭ ئۇلاردىن قورقىدىغانلىقى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، تۈزۈمى ۋە خەلقىگە قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر