سەئۇدى ئەرەبىستان خىتايدا نېفىت ئايرىش ۋە نېفىت-خىمىيە زاۋۇتى قۇرىدىغان بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتايدا قۇرماقچى بولغان نېفىت ئايرىش ۋە نېفىت-خىمىيە زاۋۇتلىرىنىڭ ئورنى ئۇيغۇر رايونىدىمۇ ياكى خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ؟ بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

1965308
سەئۇدى ئەرەبىستان خىتايدا نېفىت ئايرىش ۋە نېفىت-خىمىيە زاۋۇتى قۇرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى «سەئۇدى ئەرەبىستان ئارامكو» خىتايدا نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ۋە نېفىت-خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇش ئارقىلىق پائالىيەت باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«سەئۇدى ئەرەبىستان ئارامكو» شىركىتىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ «نورىنكو»  ۋە <پەنجىن» شىركەتلىرى بىلەن ئورتاق تەشەببۇس باشلىغان. بۇ ئورتاق تەشەببۇسنىڭ %30 ى سەئۇدى ئەرەبىستان ئارامكو شىركىتىگە، قالغان %51 ى خىتاينىڭ «نورىنكو» شىركىتىگە ۋە %19 ى «پەنجىن» شىركىتىگە تەۋە بولىدىكەن.

شىركەتلەرنىڭ ئورتاق مەبلەغ سېلىشى بىلەن كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 300 مىڭ ۋارىلغا يېتىدىغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، شۇنداقلا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 650 مىڭ توننا ئېتىلېن ۋە 2 مىليون توننا پاراكسىلېنغا يېتىدىغان نېفىت- خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇلىدىكەن.

بۇ لايىھەنىڭ زۆرۈر بولغان تەستىقلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشنىڭ بۇ يىل (2023) ئاپرېلدىن كېيىن باشلىنىىشى پىلانلانماقتا.

نېفىت ئايرىش ۋە نېفىت-خىمىيە زاۋۇتلىرىنىڭ 2026 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر