رۇسىيە ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ بالتىق دېڭىزىدا ئامېرىكانىڭ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ چېگراغا دەخلى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوزغالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1962951
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بالتىق دېڭىزدا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دانە «В-52Н» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ باياناتتا: «غەربىي ھەربىي رايون ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ <Su-35> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى چېگراسىغا خىلاپلىق قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوزغالدى. بۇ ئايروپىلان ھاۋادىكى بەلگىلەنگەن رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. رۇسىيە ئايروپىلانى چەت ئەل ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەت چېگراسىدىن يىراقلاشقاندىن كېيىن ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قايتىپ كەلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.