زېلېنسكىي سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدكە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارنامىسىنى ئىمزالىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي سۈرىيە ھاكىمىيىتى رەھبىرى بەششار ئەسەدنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 كىشى ۋە 141 شىركەتكە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە ئالاقىدار قارارنامىنى ئىمزالىدى.

1961747
زېلېنسكىي سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدكە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارنامىسىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىينىڭ ئىمزاسى قويۇلغان مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنىڭ تېكىستى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

قارارنامىدا ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە كېڭىشىنىڭ 2023 - يىلى 15 – مارتتا ماقۇللىغان «شەخسىي، خۇسۇسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار قارارنامە» نىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كېڭەشنىڭ قارارىدا سۈرىيە ھاكىمىيىتى رەھبىرى بەششار ئەسەدنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، 3 نەپەر سۈرىيە پۇقراسى، 7 نەپەر ئىران پۇقراسى ۋە قالغانلىرى رۇسىيە پۇقرالىرى بولۇپ، جەمئىي 300 كىشى ۋە 141 شىركەتكە 10 يىللىق ئېمبارگو يۈرگۈزىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر