تالىبان ئافغانىستان مىقياسىدا ئەپيۇندىن كېيىن، كەندىر تېرىشنىمۇ چەكلىدى

2021 - يىلى ئاۋغۇستتا ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى ئالقىنىغا ئالغان تالىبان، مەملىكەت مىقياسىدا كۆكناردىن كېيىن كەندىر تېرىشنىمۇ چەكلىدى.

1961760
تالىبان ئافغانىستان مىقياسىدا ئەپيۇندىن كېيىن، كەندىر تېرىشنىمۇ چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان رەھبىرى موللا ھىبەتۇللاھ ئاخۇنزادە بۇ ھەقتە قارارنامە ئېلان قىلدى. قارارنامىغا ئاساسەن ئافغانىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەندىر تېرىش ۋە سودىسىنى قىلىش چەكلەندى، چەكلەشكە خىلاپلىق قىلغانلا جازالىنىدىغان ۋە  زىرائەتلىرى يوقۇتىلىدىغان بولدى. چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ نازارەت قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىنى تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

كۆكناردىن كېيىن، كەندىر مەملىكەت مىقياسىدا ئافغانىستان دېھقانلىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان زىرائەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئالدىنقا ئورۇندا تۇماقتا.  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى ئافغانىستان دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نەشە ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدىمۇ تالىبان رەھبىرى موللا ھىبەتۇللاھ  ئاخۇنزادەنىڭ قارارى بىلەن مەملىكەت مىقياسىدا كۆكنار تېرىش، ئىسپىرت، خىروئىن، زەھەرلىك چېكىملىك ​​ۋە نەشە قاتارلىق ماددىلارنى ئىشلىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودىسىنى قىلىش چەكلەنگەن بولۇپ، خىلاپلىق قىلغان ھەر قانداق كىشىنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. ئەمما بۇ چەكلىمىگە قارىماستىن ئافغانىستاندا كۆكنار يېتىشتۈرۈش نىسبىتى ئاشقان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەرلىك چېكىملىك ​​ۋە جىنايى ئىشلار ئىشخانىسى (UODC) تەرىپىدىن 2022 - يىلى نويابىردا ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تالىبان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، 2022 - يىلى كۆكنار يېتىشتۈرۈش نىسبىتى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %32 ئېشىپ، يەرشارى ئەپيۇن بىلەن تەمىنلەش نىسبىتىنىڭ %80 نى تەشكىل قىلغان.

ئافغانىستاندا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە قۇرغاقچىلىق شۇنداقلا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ پايدىسى ئازلاپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئېتىز ئىگىلىرى سۇنى ئاز تەلەپ قىلىدىغان كۆكنار ۋە كەندىر تىرىشقا بەكرەك يۈزلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر