ئامېرىكا: ئۇكرائىنا بىلەن خىتاينىڭ يېقىنلىشىشىنى قوللايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەيدانىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

1961235
ئامېرىكا: ئۇكرائىنا بىلەن خىتاينىڭ يېقىنلىشىشىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى بېيجىڭنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشقا بولغان كۆز قارىشىغا قۇلاق سېلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

كىربى  ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈش پىلانىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىش ۋە كىرىزىسنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان، ھەمدە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2022 – يىلى 24 – فېۋرال كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە ئارمىيەسىگە ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغانىدى.

پۇتىن بۇ ئۇرۇشتىن مەقسەتنىڭ كىيېۋنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە  قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتنى ئەسكەردىن خالىي قىلىش ۋە ناتسىستلاردىن تازىلاش  ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر