شى جىنپىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلىتىنىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان يېقىنلىقى بەس – مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە موسكۋادا زىيارەتتە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بايانات بېرىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20- مارتتىن 22 - مارتقىچە موسكۋادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل سارىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ پۇتىن بىلەن شىنىڭ «رۇسىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىككى رەھبەرنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بەزى مۇھىم ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇلىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.
بۇ شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ زىيارەت خىتاينىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەيدانى بەس – مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان گېئوپولىتىكىلىق رىقابەت مۇساپىسىدە بېيجىڭ – موسكۋا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.