ئامېرىكا تۈركىيەگە F-16 سېتىپ بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيەگە سېتىپ بېرىلىشى توغرىسىدا يېڭى بايانات ئېلان قىلدى.
1960810
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگوندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: بىزنىڭ تۈركىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈچلۈك مۇناسىۋىتىمىز بار؛ بىز بۇنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.