ئۇگاندا خىرىستىيانلىرى «قىيامەت بولىدۇ» دېگەن قورقۇنچ بىلەن ئېفىيوپىيەگە كۆچمەكتە

ئۇگاندا خىرىستىيانلىرى «قىيامەتتە بىردىنبىر بىخەتەر جاي ئېفىيوپىيە» دەپ ئىشىنىدىكەن.

1955867
ئۇگاندا خىرىستىيانلىرى «قىيامەت بولىدۇ» دېگەن قورقۇنچ بىلەن ئېفىيوپىيەگە كۆچمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان ئۇگاندادا تۇرۇشلۇق «مەسىھ ئەلچىلىرى چېركاۋى» غا تەۋە يۈزلىگەن خىرىستىيانلار «قىيامەت بولىدۇ» دېگەن قورقۇنچ بىلەن ئېفىيوپىيەگە كۆچتى.

ئۇگاندا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئوسكار ئوگېكا يۈزلىگەن ئۇگاندا خىرىستىيانلىرىنىڭ «قىيامەت بولىدۇ ۋە رايونىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن قورقۇنچ بىلەن ئېفىيوپىيەگە كۆچكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئوسكار ئوگېكا بۇ خىرىستىيان مەزھىپى ئەزالىرىنىڭ قىيامەتتىن كېيىن، ئېفىيوپىيەدە ھاياتنىڭ يېڭىدىن باشلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەزكۇر مەزھەپ ئەزالىرى ئېفىيوپىيەگە كۆچۈشتىن ئىلگىرى پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ساتتى» دېدى.

ئوسكار ئوگېكا ئۇگاندانىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئوبۇلۇم يېزىسى ئاھالىلىرىنىڭ «قىيامەتتە بىردىنبىر بىخەتەر جاي ئېفىيوپىيە» دەپ ئويلايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئېفىيوپىيەگە كۆچكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ساققچىلارنىڭ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇگاندادا يالغان ئۇچۇرلار بىلەن خەلقنى خاتا يېتەكلەۋاتقان بەزى مەزھەپلەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر