پېسكوۋ: ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئۆتۈشنىڭ شارائىتى تېخى ھازىرلانمىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئۆتۈش شارائىتىنىڭ تېخى ھازىرلانمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1956192
پېسكوۋ: ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئۆتۈشنىڭ شارائىتى تېخى ھازىرلانمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ خىتاينىڭ رۇسىيەگە سۇنغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي خىزمەتداشلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھازىرچە تىنچلىق يولىغا ئۆتۈشنىڭ زۆرۈر شارائىتى ھازىرلانمىدى. شۇڭا، رۇسىيە ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

پېسكوۋ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ۋاشىنگىتون بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالىمايدۇ. ۋاشىنگتون بۇ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر