پاكىستاندىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا توققۇز ساقچى قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە ساقچى ئاپتوموبىلىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا توققۇز ساقچى جېنىدىن ئايرىلىپ، 11 كىشى يارىلاندى.

1955343
پاكىستاندىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا توققۇز ساقچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «داۋن گېزىتى» نىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا، كاچچى ۋە سىبى رايونىنىڭ چېگراسىغا جايلاشقان بولاندا كۆۋرۈكىدە كېتىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلىغا قارشى ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغان. ھۇجۇمدا توققۇز ساقچى جېنىدىن ئايرىلىپ، 11 كىشى يارىلانغان. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە  ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

پاكىستاندا، بولۇپمۇ خەيبېر پاختونخۋا ۋە بالۇچىستان ئۆلكىلىرىدە يېقىنقى ئايلاردا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپەيدى.

ئىسلامئاباد دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئافغانىستاننى بازا قىلغان پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنى ۋە يېتەكچىلىك قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئافغانىستان بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.

پاكىستاننىڭ پېشاۋۇر شەھىرىدىمۇ 30-يانۋاردا پېشىن نامىزى ئەسناسىدا جامەگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا، كۆپىنچىسى ساقچى بولۇپ، جەمئىي 102 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر