مادۇرو ئامېرىكا نارازىلىق بىلدۈردى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلانى دۆلەت تەھدىتى دەپ ئېلان قىلغان پەرمانىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1954734
مادۇرو ئامېرىكا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادۇرو ۋېنېزۇئېلا دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋېنېزۇئېلانى ئامېرىكاغا نىسبەتەن دۆلەت تەھدىتى دەپ كۆرسەتكەن پەرماننىڭ ئىمزالىنىشىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادىي جازالار ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مادۇرو: «جو بايدىن ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلانى ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پەۋقۇلئاددە تەھدىت دەپ جاكارلىغان قارارنامەنى سەككىزىنچى قېتىم ئىمزالىدى» دېدى.

مارۇرو مەزكۇر قارارنامەنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما تەرىپىدىن ئىمزالانغانلىقىنى ئەسلەپ: «بۇ رەزىل پەرماننىڭ چىقىرىلغىنىغا سەككىز يىل بولدى. ۋېنېزۇئېلا بىر گەۋدىلەشكەن ئىشچىلار سىنىپى بىلەن بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، جازا ۋە قامالنى بىتچىت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ جاھانگىرلىككە ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن قارارنامەلىرىگە دۇچ كەلدى. (ۋېنېزۇئېلا) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مادۇرو 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاپات بولغان ۋېنېزۇئېلانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى خۇگو چاۋېزنى ئەسلەپ: «10 يىلدىن كېيىن شۇنى دېيەلەيمەنكى، ھۆرمەتلىك قوماندانىمىز چاۋېز بىزنىڭ قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىمىز ۋە ئۇرۇشلىرىمىزدىن بىر لەھزىمۇ چۈشۈپ قالمىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر