گىرېتسىيەدە ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى

گىرېتسىيەدە چارشەنبە (2023-يىلى 1-مارت) كۈنى يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 57 گە چىقتى.

1954376
گىرېتسىيەدە ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە «ERT» تېلېۋىزىيەسى ئېلان قىلغان خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، لارىسا شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تېمپى رايونىدا بىر يولۇچىلار پويىزى بىلەن بىر يۈك پويىزىنىڭ سوقۇشۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ۋاگونلار رېلىشتىن چىقىپ كېتىپ، ئالدىدىكى ۋاگونلارغا ئوت كەتكەن ۋە 57 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئالتە كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 48 كىشى دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان، 56 كىشىنىڭ دېرىكى ئېلىنالمىغان.

ۋەقە يۈز بېرىشى بىلەن چىققان ئوت سەۋەبىدىن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىدە ۋە خارابىلىكتىن چىقىرىلغان بەزى جەسەتلەرنى تونۇغىلى بولمىغانلىقى، دېرىكى بولمىغان يولۇچىلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ DNA تەكشۈرۈشى ئۈچۈن ئەۋرىشكە بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى كاتېرىنا ساكېللاروپۇلۇ، باش مىنىستىر كىرياكوس مىچوتاكىس، سەھىيە مىنىستىرى تانوس پلېۋرىس، ئاساسلىق ئۆكتىچى رادىكال سول ئىتتىپاق رەھبىرى ئالېكسىس چىپراس، مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكوس خاردالىياس ۋە گىرېتسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى دىمىترىس كۇچۇمباس پويىز ۋەقەسى يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ، مەلۇمات ئىگەللىدى.

گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پويىز ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.

پايتەخت ئافېنادا پويىز ۋەقەسى سەۋەبىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار پارلامېنت جايلاشقان سىنتاگما مەيدانىغا قاراپ پىيادە يۈرىدى. «ۋەقە ئەمەس، جىنايەت» دېگەن شوئار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، جىنايەتچىلەرنىڭ تېپىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر