پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى

تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى.

1953057
پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ كىمبې رايونىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ يەر يۈزىدىن 598 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يەرلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى دوكلات قىلىنمىغان. قالدۇق يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىر قانچە كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

رايوندا يەر تەۋرەشكە چېتىشلىق دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭمۇ ئېلان قىلىنمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر