ئەششەباب ئەزالىرى گېنېرال مۇھەممەد ھ. گابارېينىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلدى

ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈنۈگۈن سومالى ئارمىيەسى گېنېراللىرىدىن مۇھەممەد ھ. گابارېينىڭ پايتەخت موقدىشۇدىكى ئۆيىگە ھۇجۇم قىلىپ، 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1949864
ئەششەباب ئەزالىرى گېنېرال مۇھەممەد ھ. گابارېينىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئۇچۇر – ئاخبارات مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان جىلىتكە كىيىۋالغان ھۇجۇمچىلاردىن بىرىنىڭ ئالدى بىلەن  ئۆينىڭ ئىشكى ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقانلىقىنى، ئاندىن تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، تۆتى ئەسكەر، ئالتىسى پۇقرا بولۇپ جەمئىي 10 كىشىنىڭ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئەششەباب تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمنى سادىر قىلغان ئەزالىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقى، گېنېرالنىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلغان ئەششەباب ئەزالىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا يارىلانغان بىر قىسىم ئەسكەرلەرنىڭ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر