خاررىس خىتايغا چاقرىق ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن قوللىماسلىقنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا خاررىس رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1948228
خاررىس خىتايغا چاقرىق ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن قوللىماسلىقنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاررىس گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 59-نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ (ئۇكرائىنادا) ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى رەسمىي بەلگىلىدى» دېدى.

رۇسىيەنىڭ مەزكۇر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشىدە ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خاررىس، جىنايەتچىلەرنىڭ ۋە بۇ جىنايەتلەرنى بۇيرۇغانلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خاررىس، «ھەممىمىز بۇ يەردە بىردەك پىكىردە بولۇشىمىز كېرەك، تونۇيدىغان ياكى تونىمايدىغان بارلىق قازا قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئادالەت ئىشقا ئاشۇرۇلىشى كېرەك» دېدى.

خاررىس رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك جىنايەتلەرگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ جىنايەتلەرنى؛ قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، قىيناش ۋە مەجبۇرىي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش  دەپ رەتكە تىزدى.

خاررىس ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا كېرەكلىك بولغان ياردەملەرنى  داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خاررىس خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، موسكۋا دائىرىلىرىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىدىن ئەندىشە ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

خاررىس خىتاينى روسىيەگە قورال-ياراغ يۆتكەپ  بېرىش جەھەتتە قوللىماسلىققا چاقىردى.  

خاررىس خىتاينىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى ھەر قانداق بىر قەدىمىنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان تەرتىپكە تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر