تاجىكىستاندىكى قار كۆچۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 17 گە يەتتى

تاجىكىستان جىددىي ئەھۋاللار كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، تاجىكىستاندىكى قار كۆچۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 17 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1947644
تاجىكىستاندىكى قار كۆچۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 17 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستان جىددىي ئەھۋاللار كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى كۈنلەردە دۆلەتنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا يۈز بەرگەن قار كۆچۈش ۋەقەلىرىدە، 16 نەپىرى بەدەخشان ئاپتونوم رايونىدا، بىرى پايتەخت دۈشەنبىگە يېقىن يەردىكى ۋارزوب – دۈشەنبە تاشيولىدا بولۇپ، جەمئىي 17 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يېقىنقى كۈنلەردە 100 گە يېقىن قار كۆچۈش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە خەتەرنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئاپەت رايونىدىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، پايتەخت دۇشەنبە بىلەن دۆلەتنىڭ شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان دۇشەنبە-چاناك تاشيولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تاشيوللارنىڭ قار كۆچۈش سەۋەبىدىن قاتناشقا تاقالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

تاجىكىستان دائىرىلىرى تۈنۈگۈن (16-فېۋرال) بايانات بېرىپ، دۆلەتنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قار كۆچۈش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 13 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئاپەتتە تۆت ئۆينىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى، 35 تۇرالغۇ، بەش سېخ ھەمدە رايوننىڭ ئۇل- ئەسلىھەلىرىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر