بايدىن جاسۇسلۇق شارى ۋە ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇچار جىسىملار توغرىسىدا توختالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، جاسۇسلۇق شارى ۋە ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇچار جىسىملار توغرىسىدا توختالدى...

1947753
بايدىن جاسۇسلۇق شارى ۋە ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇچار جىسىملار توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋاشىنگتوننىڭ، ئاسماندا بايقالغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئاخىرقى ئۈچ جىسىمنى «خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ جاسۇسلۇق ئالاھىدىلىكى بولمىغان جىسىملىرى» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جو بايدىن 4- فېۋرال ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن خىتاينىڭ «جاسۇسلۇق شارى»، ئارقىدىن ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىدە بايقىلىپ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئۈچ ئۇچار جىسىم ھەققىدە بايانات بېرىپ، ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن بىرىنچى شاردىن باشقا ئۈچ ئۇچار جىسىمنىڭ جاسۇسلۇق مەقسەتلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋاشىنگتوننىڭ كېيىنكى ئۈچ ئۇچار جىسىمنى خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ تەتقىقات ياكى كۆڭۈل ئېچىش مەقسەتلىك شارلىرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بايدىن، ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بايدىن ئۇچار جىسىملارنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق تەرەپنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ دۆلىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى قەتئىيلىك بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر