ئامېرىكا - ياپونىيە ئارمىيەلىرى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

ياپونىيە قۇرۇقلۇقتا ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

1947347
ئامېرىكا - ياپونىيە ئارمىيەلىرى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى  خەۋىرى: ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ يىراق ئاراللىرىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مانېۋرىغا ئىككى دۆلەتتىن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەسكەرلىرى بىلەن «ئوسپرېي» تىپلىق ئايروپىلانلىرى قاتناشماقتا ئىكەن.

ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ تەخمىنەن 1700 خادىمىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «تۆمۈر مۇشت» ناملىق كەڭ كۆلەملىك يىللىق مانېۋىرنىڭ 12 – مارتقىچە (2023) داۋاملىشىشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

مانېۋىر كاگوشىما ئۆلكىسىنىڭ توكۇنوشىما ۋە كىكاجىما ئاراللىرى بىلەن ياپونىيەنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا ئەڭ يېقىن رايونى ئوكىناۋا ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر