ياۋروپا  2035- يىلدىن بېنزىن ۋە دىزېل ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەيدىغان بولدى

ياۋروپا پارلامېنتىدا  2035- يىلدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە يېڭى بېنزىن ۋە دىزېل ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەش قانۇن تەكلىپى تەستىقتىن ئۆتتى.

1946451
ياۋروپا  2035- يىلدىن بېنزىن ۋە دىزېل ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلەيدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە، ئاپتوموبىل ۋە يېنىك سودا ئاپتوموبىللىرىغا يېڭى كاربون قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى بەلگىلەيدىغان قانۇن تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلىمات نىشانىغا ماس ھالدا يېڭى ئاپتوموبىللارغا كاربون قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى بەلگىلەيدىغان بۇ قانۇن 340 «قوللاش» ، 279 «رەت» ۋە 21 «بىتەرەپ» ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، 2035-يىلدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە سېتىلىدىغان بارلىق يېڭى ئاپتوموبىل ۋە يېنىك سودا ئاپتوموبىللىرى چوقۇم كاربون قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى نۆلگە چۈشۈرىشى كېرەك.

ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار 2035 – يىلىغىچە كاربون قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى %100 تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە 2035 – يىلى دىن ئېتىبارەن بېنزىن ۋە دىزېلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى يېقىلغۇ ماتورلۇق يېڭى ئاپتوموبىللار سېتىلمايدىغان بولىدۇ.

2030 – يىلدا بۇلغاشنى تۆۋەنلىتىش نىشانى ئاپتوموبىللار ئۈچۈن %55، مىنىبۇسلار ئۈچۈن %50 بولىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى بويىچە قويۇپ بېرىدىغان كاربون نىسبىتىنى باھالاش ئۈچۈن يېڭى مېتود ئىشلىتىلىدۇ. بۇلغاشنىڭ چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

بەلگىلىمە بۇ باسقۇچتىن كېيىن ياۋروپا كېڭىشى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلىنىدۇ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يولغا قويۇلىدۇ.

بۇ بەلگىلىمە ياۋروپا يېشىل سودىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ۋە 2030-يىلغا قەدەر كاربون قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى ئاز دېگەندە %55 ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان «%55 كە ماسلىشىش» قانۇن تەكلىپى ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر