ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا تەۋە نابلۇس شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئاتقان ئوقتا ئەمىر بېستامى قازا قىلغان ۋە بىر قانچە ئادەم يارىلانغان. شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نابلۇستىكى بىر ئۆينى قامال قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. قامال قىلىش جەريانىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى راست ئوق ۋە قول بومبىسى ئىشلەتكەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، «شىر ئۇۋىسى» ناملىق پەلەستىنلىك قوراللىق گۇرۇپپا، نابلۇس ھۇجۇمى ئەسناسىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ جەرياندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ ئەبۇ دىس رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا تۆت پەلەستىنلىكنى كاۋچۇك بىلەن قاپلانغان مېتال ئوق ئېتىپ يارىدار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئېبۇ دىس رايونىغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا مالىمانچىلىق يۈز بەردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كاۋچۇك بىلەن قاپلانغان مېتال ئوق، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ئاۋاز بومبىسى بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى باستۇردى.
پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئاتقان ئوقتا تۆت پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى، 59 كىشىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، سەككىز كىشىنىڭ ئاۋاز بومبىسى سەۋەبىدىن كۆيۈپ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شولز نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى.