تەيۋەننىڭ كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى تۈركىيەدە ئاپەت تەتقىقاتى ئېلىپ بارماقتا

تەيۋەننىڭ يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى «Formosat-5» ئۆزى تارتقان فوتو- سۈرەتلەر ئارقىلىق «سېنتىنېل ئاسىيا» سىستېمىسى ئارقىلىق ئاپەت تەتقىقاتى ئۈچۈن سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىمەكتە.

1945720
تەيۋەننىڭ كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى تۈركىيەدە ئاپەت تەتقىقاتى ئېلىپ بارماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى « TASA» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەننىڭ ھەر ئىككى كۈندە يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدىغان يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى « Formosat-5»،  7-، 9-ۋە 11-فېۋرال (2023) كۈنلىرى تۈركىيە ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، يەر تەۋرەش رايونىنى تەپسىلىي كۆزەتكەن.

تەيۋەنلىك مۇتەخەسسىسلەر يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى « Formosat-5» نىڭ 9-فېۋرال كۈنى تارتقان ئاپەت رايونىنىڭ  فوتو- سۈرەتلىرىنى 25-يانۋار كۈنى ئوخشاش رايوندا  ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى « ESA» نىڭ «2-سېنتىنېل» سۈنئىي ھەمراھى تەرىپىدىن تارتىلغان فوتو-سۈرەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغان. بۇ ئارقىلىق قاھرامانماراشنىڭ تەخمىنەن 187 گېكتارلىق ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېرىقلار ۋە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنى سۈرەتكە تارتىپ، خەتەرلىك ئاپەت رايونلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇتەخەسسىسلەر فوتو- سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىخەتەر رايونلارنى، ھەمدە جىددىي پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى قۇرغىلى بولىدىغان رايونلارنى ئېنىقلاپ چىققان.

تەيۋەنلىك مۇتەخەسسىسلەر يەنە، سۈنئىي ھەمراھلار تەرىپىدىن تارتىلغان فوتو-سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق رايوندىكى ماتېرىك سۇپىسىنىڭ ھەرىكىتىنى تەھلىل قىلغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

تەيۋەن ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى فوتو- سۈرەتلەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئانالىزلارنى 29 دۆلەت ۋە رايوندىن 96 ئورگان ھەمدە 17 خەلقئارالىق تەشكىلات ئەزا بولغان «سېنتىنېل ئاسىيا» سىستېمىسى ئارقىلىق شېرىكلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىمۇ «سېنتىنېل ئاسىيا» سىستېمىسىغا ئەزا ئىكەن.

تەيۋەننىڭ يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى «Formosat-5» نىڭ بۈگۈن (13-فېۋرال) ئاپەت رايونىدىن ئۆتكەندە يېڭى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر