پاكىستان باش مىنىستىرى: ھەردائىم تۈركىيە خەلقى بىلەن بىللىمىز

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف پاكىستان خەلقىنىڭ ھەردائىم تۈركىيە خەلقى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1944795
پاكىستان باش مىنىستىرى: ھەردائىم تۈركىيە خەلقى بىلەن بىللىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف، قاھرامانماراش قاتارلىق تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنى «100 يىلدىن بۇيانقى ئوڭ چوڭ بالايىئاپەت»  دەپ ئاتاپ، «بىز ئەزەلدىن <ئىككى دۆلەت ۋە بىر مىللەت> سۈپىتىدە ياشاۋاتىمىز، مانا بۇ ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە ھەردائىم تۈركىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللىمىز» دېدى.

باش مىنىستىر شېرىف، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە،  6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراش قاتارلىق تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن 7.7 ۋە 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە، تۈركىيەنى قوللاش مەقسىتىدە تۈركچە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمىتىمىز، تۈركىيە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى دۆلەت مىقياسىدىكى پائالىيەتلەرگە ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدى. سودا دۇنياسى، ئۆلىمالار ۋە مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز. پاكىستان بۇ مۇشەققەتلىك ۋاقىتلاردا تۈركىيەنى قوللايدۇ.»

شېرىف، پاكىستاننىڭ ھەرقايسى  ئۆلكىلىرىنىڭ باش مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن مەملىكەتلىك تۈركىيەگە ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ <100 يىلدىن بۇيانقى ئوڭ چوڭ بالايىئاپەت> تۇر. بىز ئەزەلدىن <ئىككى دۆلەت ۋە بىر مىللەت> سۈپىتىدە ياشاۋاتىمىز، مانا بۇ ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە ھەردائىم تۈركىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر