ياۋروپا رەھبەرلىرى ئەردوغانغا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللاپ، ھال سورىدى ۋە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

1944511
ياۋروپا رەھبەرلىرى ئەردوغانغا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان يىغىنى، 6-فېۋرال قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى.

رەھبەرلەر يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللاپ: «خەلقىڭىز ئىنسان قەلبىنى زەرداب قىلىدىغان مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە» دېدى ۋە يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئوي-پىكىرلىرىنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ۋە تۇغقانلىرى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلار بىلەن بىرلىكتە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رەھبەرلەر، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى ۋە ۋاقىت بىلەن بەسلەشكەن ھالدا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ پاجىئە ئالدىدا تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقلىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رەھبەرلەر، يەر تەۋرەشتىن كېيىنلا دەرھال ياردەم قىلىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىگە ئىشارەت قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيونى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شىۋېتسىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مارت ئېيىدا بىر ئىئانە توپلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

رەھبەرلەر مەكتۇپىدا: «بىز تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن كۈچلۈك ماسلىشىپ، ياردەملەرنى ئاشۇرۇشقا تەييارمىز، ئويلىرىمىز سىز ۋە خەلقىڭىز بىلەن بىللە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن  بەردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىغا قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكىمۇ ئورۇن بېرىلدى؛ دوكلاتنىڭ «تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەش» ماۋزۇلۇق بۆلۈمىدە، تەزىيە بىلدۈرۈلدى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەۋرەنمەس ھەمكارلىقى دائىرىسىدە، 1600 كىشىلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا، ياۋروپانىڭ ياردەمنى كۆپەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، بارلىق تەرەپلەرنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم قىلىشقا چاقىرىلغانلىقى، ئىنسانىي پائالىيەتلەرنى قوللاش ئۈچۈن قوشۇمچە مەبلەغ ئاجرىتىلغانلىقى، ياردەم ئەشيالىرىنى ب د ت ھىمايىسى ئاستىدا تېز سۈرئەتتە ئەۋەتىشكە چاقىرغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر