شىۋېتسىيە بۇ قېتىم قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى

دانىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭ قانات «تار يۆنىلىش پارتىيەسى» رەھبىرى راسمۇس پالۇداننىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلمىشىدىن كېيىن، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشكە رۇخسەت قىلمىدى.

1944336
شىۋېتسىيە بۇ قېتىم قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستوكھولم ساقچىخانىسى باياناتچىسى ئولا ئوستېرلىڭ بايانات بېرىپ، بىر كىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ ستوكھولمدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشى ئۈچۈن سۇنغان تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «تەلەپنى رەت قىلىشتىن ئىلگىرى، شىۋېتسىيە ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئىدارىسى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتۇق ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن، مەزكۇر كىشىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقنى قارار قىلدۇق» دېدى، ئەمما، ئۇ ئىلتىماس سۇنغان كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىدى.

دانىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭ قانات «تار يۆنىلىش پارتىيەسى» رەھبىرى راسمۇس پالۇدان 21-يانۋار(2023) تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولىمدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن، ساقچىلار ئۆز ھىمايىسى ئاستىدا سادىر قىلىنغان بۇ قەبىھ قىلمىش ئەسناسىدا باشقىلارنىڭ پالۇدانغا يېقىنلىشىشىغا يول قويمىغانىدى.

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پالۇداننىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىشىغا تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرى نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

پالۇدان يەنە، 27-يانۋار دانىيەنىڭ كوپېنھاگېن شەھىرىدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا ۋە بىر جامەنىڭ ئۇدۇلىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنىدى.

گوللاندىيەدىكى ئىرقچى، غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئېدۋىن ۋاگېنسۋېلدمۇ لاھەي شەھىرىدە قۇرئان كەرىمنى يىرتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر