پەلەستىندە 4.8 بال يەر تەۋرىدى

پەلەستىندىكى 4.8 بال يەر تەۋرەش قۇددۇس، راماللاھ ۋە نابلۇس شەھەرلىرىدە ھېس قىلىندى.

1943459
پەلەستىندە 4.8 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ بىلدۈرىشىچە، نابلۇستىكى ئەل نەجە ئەل ۋاتانى ئۇنۋېرسىتىتى يەر تەۋرەش تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى جالال ئەل دۇبەيك يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ نابلۇس شەھىرىنىڭ شىمالىدىن 13 كىلومىتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ۋە 4.8 بال يەر تەۋرەشنىڭ يەر يۈزىدىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يەر تەۋرەش قۇددۇس، راماللاھ ۋە نابلۇس شەھەرلىرىدە ھېس قىلىنغان.

يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددىي زىيان كۆرۈلگەن – كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر