ياۋروپا: بۇ بىز كۆرگەن ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەشلەردىن بىرى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ جىددىي ئىشلار مەسئۇلى خانس داس (Hans Das) تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ بىز يېقىنقى يىللاردا كۆرگەن ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەشلەردىن بىرى» دېدى.

1943361
ياۋروپا: بۇ بىز كۆرگەن ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەشلەردىن بىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ جىددىي ئىشلار مەسئۇلى خانس داس تۈركىيە مۇخبىرلىرىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقى جىددىي ئىشلار كوردىناتسىيە مەركىزىدە يەر تەۋرەش ۋە ئارقىدىن باشلانغان ئزىدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قانداق كۈچ چىقارغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ يەر تەۋرەشنىڭ چوڭلۇقى ۋە تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ بىز يېقىنقى يىللاردا كۆرگەن ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەشلەردىن بىرى. تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە دائىرىسى كەڭ بولدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ تىراگېدىيە» دېدى.

ئۇ ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا، تۈركىيە ۋە سۈرىيەنى قوللاش ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكارتىپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياردەم چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ كوپېرنىكۇس (Copernicus) سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۈنئىي ھەمراھ ئەۋەتكەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ ناھايىتى تەپسىلىي ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ زىياننى بايقاش ۋە زىياننىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەش جەھەتتە ئىنتايىن پايدىلىق بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ يوللارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش جەھەتتىمۇ ئىنتايىن پايدىلىق بولغانلىقىنى، ھەمدە ھالقىلىق بىرىنچى سائەت ۋە كۈنلەردە ياردەم ئەۋەتىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ: «سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىنى ئىزدەش-قۇقۇزۇش ۋە ياردەم خىزمەتلىرىدە پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئورتاقلىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن بولۇۋاتقان ھەمكارلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ تۈركىيە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىقىمىز ۋە قويۇق ئالاقىمىز بار. ھازىر ياردەم خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتىمىز، ئالاقە سۈرئىتىمىز ناھايىتى تېز ۋە ئىنايىن ياخشى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر