ئىتالىيە باش مىنىستىرى بىر قىسىم ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى 9 – ۋە 10 - فېۋرال كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىغا تەييارلىق مەقسىتىدە فىرانسىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە ۋە گرېتسىيە رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1943283
ئىتالىيە باش مىنىستىرى بىر قىسىم ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە باش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، 3 - فېۋرالدا شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولم ۋە گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۇچرىشىشلاردا بولغان مېلونىنىڭ 9 – ۋە 10 - فېۋرال كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مېلونىنىڭ كەچتە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې، ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى كارل نېخاممېر ۋە گرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باش مىنىستىر مېلونىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە ئۇكرائىنانى 360 گىرادۇسلۇق تولۇق قوللاش، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ۋە كۆچمەنلەر ئېقىمىدىن تارتىپ، چېگرانى كونترول قىلىشقا قارىتا ياۋروپا قاتلىمىدا بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر