فىرانسىيەدىكى ئىش تاشلاش نامايىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ساھەلەردىكى مۇلازىمەتلەر توختاپ قالدى

فىرانسىيەدىكى پىنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش نامايىشىنىڭ ئۈچنچى نۆۋەتلىكى باشلىنىشى بىلەن تەڭ دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدىكى مۇلازىمەتلىرى توختاپ قالدى.

1942966
فىرانسىيەدىكى ئىش تاشلاش نامايىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ساھەلەردىكى مۇلازىمەتلەر توختاپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنسىيە يېشىنى 62 ياشتىن 64 ياشقا ئۆستۈرۈشنى پىلانلىغان ئىسلاھات قانۇن لايىھەسىنى ھۆكۈمەت دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرەلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئومۇمىي ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى (CGT) قاتارلىق نۇرغۇن ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىسلاھاتقا قارشى ئۈچىنچى قېتىملىق ئىش تاشلاش نامايىشى باشلاندى.  

پايتەخت پارىژ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ئېنېرگىيە، قاتناش، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ۋە پاراخوت زاۋۇتى ئىشچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىش تاشلاشقا قاتناشتى.

مەملىكەت مىقياسىدىكى ئىش تاشلاش دائىرىسىدە كۈتۈلگەن نامايىشلار سەۋەبىدىن، فىرانسىيەنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچىسى «EDF» نىڭ توك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2500 مېگاۋات ئازايتىلدى.

پويىز، مېترو ۋە ئاممىۋى ئاپتوبۇس سەپەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. نەتىجىدە تېخىمۇ كۆپ خۇسۇسىي ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشىشى سەۋەبىدىن يوللاردا بىر قانچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆچرەتلەر شەكىللەندى.

فىرانسىيە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى (DGAC)  ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى كونترول قىلغۇچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن پارىژ ئايرودۇرۇمىدا ھەر بەش نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن بىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مەملىكەت مىقياسىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىش تاشلاشقا قاتناشتى.

باش مىنىستىر ئېلىزابېت بورنې 10-يانۋاردا پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننىڭ سايلام ۋەدىسىگە كىرگۈزۈلگەن پېنسىيە ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

فىرانسىيەدە ئەسلىدە پېنسىيە يېشى 62 بولۇپ، 1 – سېنتەبىردىن تارتىپ قانۇنلۇق پېنسىيە يېشىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ھەر يىلى ئۈچ ئاي ئۆستۈرۈلۈپ، 2030-يىلىغىچە 64 ياشقا چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بورنې، 2027 – يىلى پېنسىيە مائاشىنىڭ ھەممىنى ئالالىشى ئۈچۈن 43 يىللىق ئىستراخۇانىيە ھەققى تۆلەشنى شەرت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

بۇ تالاش تارتىشلىق ئىسلاھاتقا قارشى مىليونلىغان كىشىلەر 19 - ۋە 31 - يانۋار كۈنلىرى مەملىكەت مىقياسىدا ئىش تاشلاپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر