ئەگە دېڭىزىدا كۆچمەنلەر كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 5 ئادەم ئۆلدى

ئەگە دېڭىزىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1942354
ئەگە دېڭىزىدا كۆچمەنلەر كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 5 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ (AMNA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىلېريوز ئارىلى دېڭىز ساھىللىرىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، بىر ئايال بىلەن بىر بالا جېنىدىن ئايرىلغان، قازادىن قۇتۇلۇپ قالغان 41 كىشىدىن ئالتە بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

دوختۇرخانىدا ئالتە بالىدىن ئۈچى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغان.

شۇنىڭ بىلەن، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى بەشكە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر