سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 574 كە يەتتى

قاھرامانماراشنىڭ پازارچىك رايونى مەركەزلىك 7.7 بال يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن سۈرىيەنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ئاز دېگەندە 574 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، يۈزلەرچە كىشى يارىلاندى.

1942353
سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 574 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئىدلىب، ھەلەب، ھاما، لازقىييە، تارتۇس ۋە راققە قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، ئېغىر ۋەيرانچىلىقلار مەيدانغا كەلدى.

سۈرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «SANA» نىڭ بىلدۈرىشىچە، ھەلەب، ھاما ۋە لازقىييە ۋىلايەتلىرىدەىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا 371 كىشى قازا قىلىپ، 1089كىشى يارىلانغان.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىمۇ ئونلىغان بىنا يىقىلغان ياكى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى (SNHR)، خەلق مۇداپىئەسى (ئاق قالپاقلىقلار)، يەرلىك سەھىيە ئاپپاراتلىرى ۋە يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئوخشىمىغان ئولتۇراق رايونلاردا كەم دېگەندە 203 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، يۈزلىگەن كىشى يارىلانغان.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر