ھىندىلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھىندى ئاياللىرى بىلەن توي قىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ھىندىستاندا ئاشقۇن ئوڭچى ھىندىلاردىن تەركىپ تاپقان يۈزلىگەن كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ھىندى ئاياللىرى بىلەن توي قىلىشىغا نارازلىق بىلدۈرۈپ، دىن ئۆزگەرتىشكە قارشى قانۇنلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1939536
ھىندىلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھىندى ئاياللىرى بىلەن توي قىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «NDTV»  قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نامايىشچىلار مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ھىندى ئاياللىرىنى نىكاھ ئارقىلىق دىن ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىۋاتقانلىقىنى ئەلگىرى سۈرۈپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

ئوڭ قانات گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتچىلىرى بومبايدىكى يىغىلىشتا، مۇسۇلمان بىلەن ھىندىلارنىڭ توي قىلىشىغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ دىن ئۆزگەرتىشكە قارشى قانۇنلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ۋە دىن نامىدا يەر ئىگىلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ھىندى ئوڭ قانات تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان «ساكال ھىندى ساماج» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا يەنە، «دىنى نەپرەتنى ئۇلغايتىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ھىندى مىللەتچى گۇرۇپپىلاردىن راشترىيا سۋايامسېۋاك بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا ھىندى كېڭىشى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭمۇ رەھبەرلىرى ھەمدە ئەزالىرى قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر