ئىراندىكى 5.8 بال يەر تەۋرەشتە 2 كىشى قازا قىلىپ، 664 كىشى يارىلاندى

ئىراننىڭ غەربىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىگە قاراشلىق خوي شەھىرىدە تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن 5.8 بال يەر تەۋرەشتە، 2 كىشى قازا قىلىپ، 664 كىشى يارىلاندى.

1939144
ئىراندىكى 5.8 بال يەر تەۋرەشتە 2 كىشى قازا قىلىپ، 664 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئەزەربەيجان ۋالىيسى مۇھەممەد سادىق مۇتىدىيان يارىلانغانلاردىن 16 نەپىرىنىڭ سالماس شەھىرىدىكى دوختۇرخانىغا يوللانغانلىقىنى، 20 كىشىنىڭ خويدىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ۋە 6 كىشىنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتمەدىيان يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تەخمىنەن 70 يېزىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خوي شەھىرىدىكى 5.8 بال يەر تەۋرەش، يەر يۈزىدىن 6.49 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن. خوي ۋە چايپارې شەھەرلىرىدىكى مەكتەپلەر قالدۇق يەر تەۋرەشلەر سەۋەبىدىن ئوقۇ ئوقۇتۇشنى توختاتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر