شىۋېيتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازالىرىنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى
شىۋېيتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇكرائىنادىكى ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقى» نى نەزەردە تۇتۇپ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگو پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى.
1938192
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ: «شىۋېيتسارىيە رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدىن (2022) بۇيان ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي ھۇجۇملىرى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا چىقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 9-جازا پىلانىدىكى تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.