فىنلاندىيە تۈركىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلدى

فىنلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1938133
فىنلاندىيە تۈركىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە تۈركىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلدى؛ فىنلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 2019-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇۋاتقان «تۈركىيەگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئېكسپورت قىلىش ئېمبارگوسى»نىڭ بىكار قىلىنىپ، سېتىش ئىجازەتنامىسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

فىنلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۇنجى تۈركىيەگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئېكسپورت قىلىش سودا ئىجازەتنامىسىنى بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

فىنلاندىيە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن 2019-يىلى ئۆكتەبىردە تۈركىيەگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغانىدى.

قورال سېتىش ئىجازەتنامىسى تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلىرىنىڭ بىرى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر