سومالىدا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سومالىدا ئەششاباب تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە يېقىن بىر رايونغا قىلىنغان مىنامىيوت ھۇجۇمىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1937455
سومالىدا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئوسمان مۇھەممەد پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە مىنامىيوت تىگىپ-تەگمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى، ئەمما رايوندىكى دۆلەتلىك تىياتىر بىناسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئەڭ ئاز دېگەندە بەش كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى؛ جېنىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇمغا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئەششاباب تېررورلۇق تەشكىلاتى، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سومالى ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابقا قارشى تەخمىنەن بەش ئايدىن بۇيان قىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئونلارچە شەھەر، بازار ۋە يېزىلارنى قايتىدىن كونتروللۇق ئاستىغا ئالدى. بەزى ھەربىي ھەرىكەتلەردە تىك ئۇچار ۋە ئايروپىلانلارمۇ ئىشقا سېلىندى. ئەششاباب تېررورلۇق تەشكىلاتى بولسا، بۇ ھەرىكەتلەردىن كېيىن، پايتەخت مۇقدىشۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە قانلىق ھۇجۇملارنى پەيدا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر