پاكىستان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كەشمىرگە «ئالاھىدە ئەلچى» تەيىنلىشىنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاننىڭ ئازاد كەشمىر رايونى پىرېزىدېنتى سۇلتان مەھمۇد چاۋدرى جاممۇ كەشمىر مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەشمىرگە «ئالاھىدە ئەلچى» تەيىنلىشىنى تەلەپ قىلدى.
1937609
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «رادىيو پاكىستان»، ئازاد كەشمىر رايونى پىرېزىدېنتى سۇلتان مەھمۇد چاۋدرىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى «خەلقئارا كەشمىر تىنچلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا، ياۋروپا پارلامېنتى، بېلگىيە كېڭەش پالاتاسى ۋە بېلگىيە پارلامېنتى ئەزالىرىغا خىتاب قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.