ھىندىستاندا 17 مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان گۇماندارلار ئاقلاندى

ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى دەلىل-ئىسپاتنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 17 مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان 22 گۇماندارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.

1937733
ھىندىستاندا 17 مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان گۇماندارلار ئاقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقلىغۇچى ئادۋوكات گوپال سولانكى تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ تەپتىشلەر دەلىل-ئىسپات تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

2002-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇجارات ئۆلكىسىدىكى گودخرا پويىز بېكىتىدىكى بىر پويىزدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 60 ھىندى ھاجى قازا قىلغاندىن كېيىن ئۆلكە مىقياسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەنىدى.

مۇسۇلمانلارنى ئوت ئاپىتىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىغان ھىندى شايكىلار، گۇجارات ئۆلكىسىدىكى مۇسۇلمانلار ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان، ۋەقەلەر جەريانىدا مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 1000 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، يۈزلەرچە ئايال باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى.

قوزغىلاڭ يۈز بەرگەندە گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھىندىستاننىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى نارېندرا مودى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى توسۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىش قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر