پارىژدا ساقچىلار قولىدا ساختا قورال كۆتۈرۈپ يۈرگەن بىر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ساقچىلار بىر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
1936377
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ساقچىلار قولىدا قورال بىلەن ئايلىنىپ يۈرگەن بىر كىشىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئالغاندىن كېيىن، دەرھال پارىژنىڭ 11 – رايونىغا يېتىپ بارغان ۋە قورالىنى ئۆزلىرىگە قاراتقان گۇماندارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.
گۇماندار كۆكرىكىگە 4 پاي ئوق تېگىپ جېنىدىن ئايرىلغان.
ئەدلىيە مەنبەلىرى ئۆلگۈچىنىڭ ساقچىلارغا ھېچنېمە دېمىگەنلىكىنى، ئەمما «تەھدىتلىك كۆرۈنگەنلىكىنى» بىلدۈردى.
سالاھىيىتى تېخىچە ئېنىقلانمىغان گۇماندارنىڭ قولىدىكى قورالنىڭ بولسا، ساختا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى.