ھەلەبتە بەش قەۋەتلىك بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 16 كىشى قازا قىلدى

سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە بەش قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 16 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1936393
ھەلەبتە بەش قەۋەتلىك بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 16 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە «SANA» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەلەبنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى شەيخ مەقسۇد مەھەللىسىدە بەش قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

قۇتقۇزۇش خادىملىرى خارابىلىك ئاستىدىن تۆت يارىداردىن باشقا يەنە، بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 16 كىشىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىققان.

ئالاقىدار تارماقلار بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۇلىغا سۇ كىرىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رايوندا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ: #ھەلەب , #سۈرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر