ئامېرىكا – مېكسىكا چېگراسىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن 2020 - يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان مېكسىكا چېگراسىغا كەلگەن كۇبالىق ۋە نىكاراگۇئالىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى 2022-يىلى 12-ئايدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاموژنا ۋە چېگرا رايونلىرىنى قوغداش ئىدارىسى (CBP)، مېكسىكا چېگراسىدا توختىتىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانىنىڭ، 2022-يىلى 12-ئايدا 251 مىڭ 487 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، شۇنىڭ بىلەن، 2022 – يىلى مېكسىكا چېگراسىغا كەلگەن كۇبالىق ۋە نىكاراگۇئالىق قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 40 كۆپىيىپ، 251 مىڭ 487 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاموژنا ۋە چېگرا رايونلىرىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2022-يىلى 12-ئايدا مېكسىكا چېگراسىدا توختىتىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 23 كۆپىيىپ، 43 مىڭغا يەتكەن.
چېگرا ئېغىزلىرىدا توختىتىلغان نىكاراگۇئالىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى بولسا 35 مىڭغا يەتكەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، 5 – يانۋار كۈنى، جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك سەۋەبىدىن، كۇبا، ھايتى، نىكاراگۇئا ۋە ۋېنېسۇئېلادىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكادا ۋاقىتلىق تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش قارارىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.