ناتو: ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ قورال - ياراغ ئەۋەتىلىشى كېرەك

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئۇكرائىناغا دەرھال تېخىمۇ كۆپ قورال - ياراغ ئەۋەتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1935100
ناتو: ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ قورال - ياراغ ئەۋەتىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا، «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش» سۆھبىتىگە قاتناشتى.  

ئۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىنىڭ، دۇنيانى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە مۇداپىئەسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى، ئۇ چاغدا مۇستەبىت رەھبەرلەرگە بېرىلىدىغان سىگنال، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ كۈچ ئىشلەتكەندە مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بولىدۇ.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئەگەر ئۇرۇشقا تىنچ يول بىلەن خاتىمە بېرىلىشىنى خالايدىغان بولىساق، ئۇنداقتا، ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. بۇ بىردىنبىر يولدۇر. تىنچلىققا ئېلىپ بارىدىغان يول قورال – ياراغلاردىن ئۆتىدۇ. بۇ قارىماققا زىددىيەتلىكتەك قىلسىمۇ، ئەمما سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ  بىردىنبىر يولى، پىرېزىدېنت پۇتىننى ئۇنىڭ جەڭ مەيدانىدا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىغا قايىل قىلىشتۇر.»

ئۇ يەنە، ئۇكرائىناغا دەرھال تېخىمۇ كۆپ قورال - ياراغ ئەۋەتىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر