بلىنكېن: چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا، ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1934935
بلىنكېن: چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق
cavusoglu-blinken.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچرىشىشتا، ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى سەۋەبسىز ئۇرۇشىغا قارىتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىنى، ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا، سۈرىيە ۋە باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلەردە داۋاملىق ھەمكارلىشىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمەن.»

مىنىستىر بلىنكېن ئۇچۇرىدا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ئەسناسىدا تارتىلغان فوتو سۈرەتلەرنىمۇ ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر