خىتاي ئامېرىكانى «نېفىت ئەتكەس قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى

خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى «سۈرىيەدىن نېفىت ۋە ئاشلىق ئەتكەس قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

1934272
خىتاي ئامېرىكانى «نېفىت ئەتكەس قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 14-يانۋار سۈرىيەنىڭ ھاسېكې ۋىلايىتىدىن نېفىت قاچىلانغان 53 نېفىت ئاپتوموبىلىنى ئىراقتىكى ھەربىي بازىسىغا يۆتكىگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سۈرىيەدىن  چىقىرىلغان نېفىتنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ ئامېرىكا ئىشغالىيەت ئارمىيەسى تەرىپىدىن دۆلەت سىرتىغا ئەتكەس قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەتكەسچىلىك سۈرىيەدىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسى ۋە ئىنسانىي تىراگېدىيەنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەكتە. سۈرىيە خەلقىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ئامېرىكا تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنماقتا. سۈرىيە خەلقى ئاز مىقداردىكى نېفىت ۋە ئاشلىق بىلەن زېمىستان قىشنى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشماقتا.»

ۋاڭ ۋىنبىن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ (2023-يىلى يانۋار) باشلىرىدا سۈرىيەدىن 60  نېفىت ئاپتوموبىلى ۋە يۈك ماشىنىسىغا قاچىلانغان نېفىت ھەمدە ئاشلىقنى ئەتكەس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئوغرىلاشتىكى ئاچكۆزلۈكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.»

خىتاي باياناتچىسى يەنە، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا ۋە نېفىت ئوغرىلاش مەسىلىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بەرگەندىمۇ، ئالغاندىمۇ دۆلەتلەرنى مالىمانچىلىق ۋە ئاپەتكە ئىتتىرىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ زومىگەرلىكى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇنىڭ مېۋىسىنى ئالىدۇ. ئامېرىكا بولسا بۇنى <قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىدىغان تەرتىپ> دەپ ئاتايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر